gequbao.com

找歌就用歌曲宝

cover

Mominjan导师-Yarmamat - 丝绸之路之声Yipak

Mominjan导师-Yarmamat-丝绸之路之声Yipak.mp3
作词 : 民间 作曲 : 民间 编曲;阿不来提·阿布力克木...
作词 : 民间
作曲 : 民间
编曲;阿不来提·阿布力克木
ئۆستەڭنىڭ تېگى چاقلىق
تېپىۋالدىم تاۋار ياغلىق
تالاشقانغا بەرمەيمەن
يايرىم باغلىغان ياغلىق
قىزىل گۈلىنى دېمىسەم
غۇنچىسىنى ئۈزگۈم يوق
سىز يايرىمنى دېمىسەم
شەھىرىڭىزدە يۈرگۈم يوق
ئۆستەڭدىن سۈزۈۋالدىم
ئاق قاشلىق قارا تاشنى
ناخشامغا قېتىۋالدىم
سىز يايرىم قەلەم قاشنى
ئوچاق بېشىدا مورا
مورا بېشىدا كورا
بۇ جاھاندا بارمىدۇ
ئىشقى ئوتىغا دورا
قوغۇن تېرىدىم قەندەك
خەقمۇ تېرىسۇن مەندەك
قوغۇن تېرىدىم قەندەك
خەقمۇ تېرىسۇن مەندەك
خەق سۆيگەننى سۆيمەيمەن
ئۆزۈمنىڭ سۆيگىنى قەندەك
ئۆزۈمنىڭ سۆيگىنى ناۋاتتەك
ئوي...
ئا يارەي
ئالما ساتقىلى بارسام
قىزىلنى تاللايدۇ
ئالما ساتقىلى بارسام
قىزىلنى تاللايدۇ
ئالەمدە كىشى يوقتەك
كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ
كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ
ئوي...
ئا يارەي
مەن بارايمۇ بارمايمۇ
لېۋەن يارنىڭ قېشىغا
مەن بارايمۇ بارمايمۇ
لېۋەن يارنىڭ قېشىغا
بارغىنىمدا قېشىغا
دەرت كېلەرمۇ بېشىغا
دەرت كېلەرمۇ بېشىغا
ئوي...
ئا يارەي
چاي ئىچەيلى چايداندا
شوخ ئوينايلى مەيداندا
چاي ئىچەيلى چايداندا
شوخ ئوينايلى مەيداندا
ئۆلمىسەك كۆرۈشەرمىز
خالاستاننىڭ تويىدا
خالاستاننىڭ تويىدا
ئوي...
ئا يارەي
ئوي...
ئا يارەي
展开