gequbao.com

找歌就用歌曲宝

cover

Kizim katti -Ezhar - 丝绸之路之声Yipak

Kizim katti -Ezhar-丝绸之路之声Yipak.mp3
作词 : 萨塔尔·萨力 作曲 : Mewlan Memtimin 买吾兰...
作词 : 萨塔尔·萨力
作曲 : Mewlan Memtimin 买吾兰
编曲;买吾兰·买买提明
بۈگۈن باشلاپ مىنى تاشلاپ قىزىم توي قىلىپ كەتتى.
ئانا باغرىن يېرىپ چىققان يۈرەك پارەم جېنىم كەتتى.
ئاناسى مىڭ تىلەك ئارزۇ بىلەن مىڭ جان بېرىپ تۇغقان،
ئارزۇلۇقۇم تۇتىيايىم، تەۋەرۈك قىزىم كەتتى.
دادا دەپ كۆيۈپ تۇرغان، ئانا دەپ ئۆلۈپ تۇرغان،
ئۆيۈمنى ئۆي قىلىپ قۇرغان ئۆيۈمنىڭ زەنجىرى كەتتى.
گاھى كۈلۈپ گاھى يىغلاپ، ئەللەي ناخشىدا ئۇخلاپ
جاھاننى تاڭنى ئويغاتقان ناۋالىق بۇلبۇلۇم كەتتى.
بوينۇمدا كۈلۈپ ئويناپ، ئارقامدىن سۇ چېچىپ قوغلاپ
يېنىمدىن كەتمىگەن بىردەم ئۆيۈمنىڭ ئەركىسى كەتتى.
بۈگۈن باشلاپ مىنى تاشلاپ قىزىم توي قىلىپ كەتتى،
ئانا باغرىن يېرىپ چىققان يۈرەك پارەم جېنىم كەتتى.
دادا داپ تىلى چىققان، قۇچاغىمدا خۇيى چىققان،
جاھانىم كۆكىنى قۇچقان ئۆيۈمنىڭ قالغىچى كەتتى.
غېرىپ بولدى ئاشخانەم، ئۆيۈم بولدى غەمخانەم،
دۇنيالىقىم بىر دانەم، دۇردانەم قىزىم كەتتى.
قىزىم سۆزى ئاقارمۇ دەپ، ئەركە خۇيى ياقارمۇ دەپ،
مەڭگۈ بەخت تاپارمۇ دەپ قاراپ قالدىم قىزىم كەتتى.
قىزىم كەتتى مىنى تاشلاپ، مەن قالدىم كۆزۈم ياشلاپ،
ئاناسى ئۇندا ھەسرەتتە، كۆزۈمنىڭ قارچۇقى كەتتى.
بۈگۈن باشلاپ مىنى تاشلاپ قىزىم توي قىلىپ كەتتى،
ئانا باغرىن يېرىپ چىققان يۈرەك پارەم جېنىم كەتتى.
展开