gequbao.com

找歌就用歌曲宝

cover

Dialog - MC-5

Dialog-MC-5.mp3
[00:17.30]Yeah c'mon [00:22.48]يەر ئاستى يولىدا دو...
[00:17.30]Yeah c'mon
[00:22.48]يەر ئاستى يولىدا دوستۇم يۆلەۋاتىدۇ
[00:25.35]سورۇندا يۈز بەرگەن ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ
[00:28.17]ئىككى سولتەك سىڭلىسىدەك قىزغا ھاراق زورلاۋاتىدۇ
[00:30.31]يۈرۈكۈم ئىيچىشىپ قولۇم قىچىشىپ ئۇلارغا ئۆزۈمنى ئاتتىم
[00:33.23]ئاداش سەن كۆپ ئىچىۋاپسەن ئۇ قىزغا بۇ كەچتە نىمە بار
[00:36.23]سەن ئۇ قىز تەرەپتە تۇرغان بىلەن ئۇ قىز كۆڭلىدە كىم بار
[00:39.17]ئويلاپ باقتىڭمۇ ھازىرقى جەمىئەت سەن ئويلىغاندەك ئەمەس
[00:42.26]ھىجايمىغىچە دىڭگايمايدۇ ئۇ قىز قوزغىلى ھەۋەس
[00:44.19]توغرا ئۇلار چوڭ قىزلار كىچىك ئاق-قارا پەرق ئىتەمدۇ
[00:47.16]ئۇيغۇر قىزى مۇشۇنداق كىچىك تۇرۇپ تۈگۈشۈپ كىتەمدۇ
[00:50.18]ئۇ قىز بۇرۇن قانداق چۇشەنمەيمەن كۆرمىگەن
[00:53.19]بىراق مەندىكى ئاكېلىق غورۇر بۇنىڭغا قاراپ تۇرامدۇ
[00:56.21]Yoo بۇرادەر سەندىكى ۋىجدان ئەلۋەتتە مەندىمۇ بار
[00:59.28]سەن بۇنى دەپ ئۇ ئىشلارنىڭ نىمىنى ئۆزگەرتەلەيسەن
[01:02.28]دۆتلۈك قىلما ئۇ قىز بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ
[01:04.39]ئاتا-ئانېسىنىڭكىنى ئاڭلىمىغان يەردە سېنىڭكىنى ئاڭلامدۇ
[01:07.26]مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمنى قىلىۋاتىمەن ھەم قىلدىم
[01:10.35]ئارېمىزدىن چىققان خۇمسى گۇيلارنى كۆرگەندە يىڭەمنى تۈردۈم
[01:13.35]ئۇلار كەلگۈسى مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى
[01:17.28]ئۇلار چۈشكۈنلەشسە قىنى بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئەتېسى
[01:19.47]ئزەنجىر بىلەن دىئالوگMC-5 بىلەن دىئالوگ
[01:21.41]ئجەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ
[01:24.26]ئدىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن
[01:28.11]ئجەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ
[01:43.69]ئاداش ھازىر ئاق تاماكا چېكىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كېتىپتۇ
[01:45.93]مەھەللىمىزدىكى ئاشۇنى تونۇيسەنغۇ ئۇ چېكىپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ
[01:48.65]ئاتا-ئانىسى ياخشى ئادەملەر ئېدى ھەتتا كۆيۈمچان ئايالىمۇ بار ئېدى
[01:51.64]بىچارە قىزنى يىتىم قىلىپ ئائىلىنى غەم-قايغۇغا ساپتۇ
[01:54.82]بولدى قىلە ئاداش بۇنداقلارغا ياخشىسى ئىچىڭنى ئاغرىتما
[01:57.63]ئۇلاردا غورۇر ياكى ۋىجدان دىگەندىن ئەسەر بارمۇ
[01:59.66]ئاتا-ئانىسىغا ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتسىز ئاقچى
[02:02.65]ئۇنداق ياشىغاندىن بالدۇراق ئۆلگىنى ياخشى
[02:04.64]ئادەمدەك گەپ قىلە بۇرادەر ئۇلارمۇ بەلكىم ئازغاندۇ
[02:05.96]بەلكىم ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ كەينىگە كىرىپ چەككەندۇ
[02:08.67]ئادەمنىڭ دوستى بار ھەم ئەلۋەتتە دۈشمىنى
[02:10.64]بەلكىم ئاشۇ دۈشمەنلىرى ئۇنى قەستلەپ قويغاندۇ
[02:13.67]مىڭ قەستلىسىمۇ بىلمەمدىكەن ئاق تاماكىنىڭ زەھەرلىكىنى
[02:16.64]ئاق تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئەزرائىل بىلەن يىقىنلىقىنى
[02:19.66]ئۇلار ھاياتىنى قەدىرلىمىسە سېنىڭ نىمە ئىشىڭ
[02:22.62]سەن ئۇلارغا ياردەم قىلساڭ ئەكسىچە يىرىلىدۇ بېشىڭ
[02:25.69]بەلكىم بېشىم يىرىلار بىراق كۆڭۈل بۆلمىسەك بولامدۇ
[02:27.64]ھەممىسىنى بىر تاياقتا تەڭ ھەيدىسەك بۇ سېنىڭچە قاملىشامدۇ
[02:30.65]ئۇلار ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بولسا بىز ئىشەنچنى بېرەيلى
[02:33.63]ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى بىر قىتىم ئىكەنلىكىنى بىز ئۇلارغا بىلدۈرەيلى
[02:39.31]زەنجىر بىلەن دىئالوگMC-5 بىلەن دىئالوگ
[02:40.72]جەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ
[02:44.79]دىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن
[02:46.82]جەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ
[03:00.77]قىمار بىر كۈنى خان قىلسا ھامان بىر كۈنى خار قىلىدۇ
[03:06.79]ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈندىن-كۈنگە تار قىلىدۇ
[03:09.82]قەرزدار قەرز سۈيلەپ پۇل ئالغۇچە خارلانسا
[03:11.83]پۇل ئالغۇچە قەرزدارنى مىڭ قاخشىتىپ زار قىلىدۇ
[03:14.72]شۇنى دىگىنە ۋە سەن قىمار ئوينامسەن
[03:17.95]توۋا دېگىنە قەتئى يىقىن كەلمە ئۇ نىجىس نەرىسىگە
[03:19.89]ئەتراپىمىزدىكى بەزى بۇرادەرلەر قىمارخانىغا يۈگرەيدۇ
[03:23.77]پوققا ئولاشقان چىۋىندەك ئەتراپىدىن يا كىتەلمەيدۇ
[03:26.80]بىىساتىنى ئۇتتۇرۇپ قانمايدۇ يا ئۈمۈدىنى ئۈزمەيدۇ
[03:28.75]مەسئۇلىيەتسىز قىمارۋاز خوتۇنىنى ئۇتتۇرىۋىتىشتىن يانمايدۇ
[03:32.73]قىمار دەپ ئاتىلىپتىكەن قىما دىگەننى قىلىۋاتىمىز
[03:34.85]ئائىلىلەرنىڭ ئىللىق كەيپىياتىنى قىمار ئويناپ بۇزىۋاتىمىز
[03:37.76]ئاتا-ئانىلار دوست-يارەنلەر ئارىسىدا مىھىر-مۇھەببەت سۇسلىشىپ
[03:40.73]شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرىپ بىز قارا پاتقاققا پېتىۋاتىمىز
[03:42.80]بىز قىمارنى ئويناۋاتامدۇق قىمار بىزنى ئويناۋاتامدۇ
[03:45.72]كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىۋاتىمىز
[03:48.73]زەنجىر بىلەن دىئالوگ MC-5بىلەن دىئالوگ
[03:51.74]جەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ
[03:54.70]دىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن
[04:00.16]جەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ
展开