Soyguli Kaldim - Dilxat Geni
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Anwar-Maglik
作曲 : Dilxat Geni
سۆيگەلى كەلدىم
دىلىمىغا گۈزەل ئارزولار پۈكۈپ
مۇشۇ كۈن قاچان كېلەر دەپ كۈتۈپ
تەشنالىق كۆۋرۈكىدىن مىڭ ئۈتۈپ
بەختىم دەپ سىنى سۆيگەلى كەلدىم
ئاشىقلىق دەرياسىدا سۇ بۇلۇپ
تەغدىرنىڭ چاقچىقىغدىن سۇقۇلۇپ
ھۇجۇدۇم مۇھەببەتدەپ ئويغۇنۇپ
بەختىم دەپ سىنى سۆيگەلى كەلدىم
مەن سىنى… سۆيگەلى كەلدىم
سېغىنىش ئوتلۇرۇمنى باساي دەپ
مەن سىنى… سۆيگەلى كەلدىم
بەختىڭگە شادلىقىمنى قاتاي دەپ
مەن سىنى… سۆيگەلى كەلدىم
لىۋىڭگە شەبنەمدەك تامچىلاپ
مەن سىنى…سۆيگەلى كەلدىم
يۈرەكنى ئال قۇلۇڭغا پارچىلاپ
بۇلاقتەك كۆزلۈرۈڭنى قىزغىنىپ
شۇ شىرىن سۆزلۈرۈڭنى سېغىنىپ
مىڭ پارا بۇلۇپ باغرىم تىلىنىپ
بەختىم دەپ سىنى سۆيگەلى كەلدىم
كۈنلۈرۈم ئۆتمىسۇن دەپ پىراقتا
سۆيگۈمىز قالمىسۇن دەپ قىيناقتا
بولساڭمۇ ئامىرىقىم سەن يىراقتا
بەختىم دەپ سىنى سۆيگەلى كەلدىم
مەن سىنى… سۆيگەلى كەلدىم
سېغىنىش ئوتلۇرۇمنى باساي دەپ
مەن سىنى… سۆيگەلى كەلدىم
بەختىڭگە شادلىقىمنى قاتاي دەپ
مەن سىنى… سۆيگەلى كەلدىم
لىۋىڭگە شەبنەمدەك تامچىلاپ
مەن سىنى…سۆيگەلى كەلدىم
يۈرەكنى ئال قۇلۇڭغا پارچىلاپ
展开