Arman - Sanubar Tursun
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Ehmet imin
作曲 : Sanubar Tursun
چەكلىك ئۆمۈر، چەكسىز ئارمان،
قىسمەت ئىكەن تەڭ ھەممىگە.
بارچە ئادەم ئارمان بىلەن،
دەرمان تاپار ئۆز دەردىگە.
ئارمانلىرىم تىلەك، ئارمانلىرىم يۆلەك،
ئارمان بىلەن تولسۇن يۈرەك.
چېچەكلىسە بىر ئارمىنىم،
تۇغۇلار يەنە بىرى.
ئۆمرۈم ئۆتەر ياشناپ ھامان،
ئات چاپتۇرۇپ مەنزىلسىرى.
ئارمانلىرىم تىلەك، ئارمانلىرىم يۆلەك،
ئارمان بىلەن تولسۇن يۈرەك.
展开