Gulsanam - Abdurahman omar
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : MamatAbla Zakir(Kumluk)
作曲 : Mamattursun-Barat
بۇلبۇل بولۇپ مۇھاببەتنى كۆيلىسەم،
خۇشال يايراپ كېتەرسەنمۇ گۈلسەنەم.
ئازاپلانسام ۋىسالىڭغا تەلمۈرۈپ،
بۇ ھالىمغا يېتەرسەنمۇ گۈلسەنەم.
ناخشا ئېتسام مەھەللەڭدە ئايلىنىپ،
كۆيگىنىمنى بىلەرسەنمۇ گۈلسەنەم.
قۇتۇلدۇرۇپ مېنى ھىجران پىراقتىن،
سېغىنغاندا كېلەرسەنمۇ گۈلسەنەم.
سۆيسەم سېنى بارلىقىمنى بېغىشلاپ،
چىن كۆڭلۈڭنى بىرەرسەنمۇ گۈلسەنەم.
چىمەنزاردا كېپىنەكتەك ئەركىلەپ،
چۈشلىرىمگە كېرەرسەنمۇ گۈلسەنەم.
展开