Tarim- 塔里木之歌 伴奏 - 白百依组合Bidar-Gurupisi,zulhumar zeper
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Mahmudjian Sidiq
作曲 : Niyat Anwar
编曲 : 白百依组合Bidar-Gurupisi
يىڭى تارىم
يول ئالدى جان دادام يىراققا ،
خوش دېدى قىزىنى بېسىپ باغرىغا.
ئاتلاندى جان ئاپام يىراققا ،
خوش دېدى ئوغلىنى بېسىپ باغىرىغا
ئۇزاتتۇق كۈلىشىپ يىغلىشىپ ،
ئۇلارنى سېغىنغان تارىمغا!
ئۇزاتتۇق كۈلىشىپ يىغلىشىپ ،
ئۇلارنى سېغىنغان تارىمغا!
تەلپۈنگەن مىليون كۆز ئۇلارغا ،
ئوخشايدۇ شىپالىق يامغۇرغا .
كېچىنى يورۇتقان چولپاندەك،
ئوخشايدۇ قىشتىكى گۈلخانغا .
جان دادام ئىشلەيدۇ تارىمدا ،
توغراقتەك تىز پۈكمەي بوراندا .
جان ئاپام ئىشلەيدۇ تارىمدا ،
يولغۇندەك تۇرىدۇ بوراندا .
قەلبىدە ۋەتەننىڭ ئارزۇسى،
خەلقمنى خوش قىلىپ ھەر جايدا !
خاتىرجەم ئىشلىگىن جان دادا،
مەدەتكار ھەرۋاقىت بىز ساڭا .
خاتىرجەم ئىشلىگىن جان ئاپا ،
مەدەتكار ھەرۋاقىت بىز ساڭا.
خەلقىمنىڭ ئەڭ ئالى سالىمى،
ياڭرايدۇ يېقىملىق ناخشامدا.
خەلقىمنىڭ ئەڭ ئالى سالىمى ،
ياڭرايدۇ يېقىملىق ناخشامدا .
展开