Dardim Bar - Ayxamgul Yusup
能正常播放的歌曲才可以下载
作曲 : Anwar-Maglik
编曲 : Mardan Turghun
يار قولىدا دۇتتارى،
دۇتتاردا قوش تارى.
خەق بالىلىرى ئوينايدۇ،
بىز ئوينىمساق نېم كارى.
چوڭ ئۆستەڭنىڭ بويىدا،
قاتار قاتار جىرىم با.
مەندىن قاچماڭ ۋاي خېنىم،
سىزگە كۆيگەن يېرىم با.
ۋاي دەردىم با دەردىم با
چىرايلىققا دەردىمبا
ۋاي ئەرزىم با ئەرزىم با
چىرايلىققا ئەرزىم با
يارنى يولدا ساقلايمىز،
يار كەلسە تەڭ تاقلايمىز.
سىزگە چۈشكەن بۇ كۆڭۈل.
كۆيدۈرىۋېلىپ قاچمايمىز.
تاققا تۇققۇ تاققا تۇق،
بىزنىڭ يالا بەك ئورۇق.
دەردى بار دېمەڭ بىزنى،
يارنى كۆرۈپ ساقايدۇق
展开