San Bilan - Guzalnur Kurban
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Mamut Zayit
作曲 : Iminjan Yusup
بەختىيار مەن جان نىگارىم سەن بىلەن
خۇش چىراي كۆزى خۇمارىم سەن بىلەن
چۆلدە يۈرسەممۇ كۆرۈنگەي ماڭا باغ
قىشتىمۇ ياشنار باھارىم سەن بىلەن
بىللە ئۆتتۇق نى جاپالار دەشتىدىن
مەرت ۋاپادار غەمگۈزارىم سەن بىلەن
سەن پەرىشتە بەرگۈچى ئىلھام ماڭا
تۈگۈمەس جۈر ئەت مادارىم سەن بىلەن
قايتۇرما: سەن بىلەن بەخىتىيار مەن
جان نىگارىم سەن بىلەن
چۆلدە يۈرسەممۇ كۆرۈنگەي ماڭا باغ
قىشتىمۇ ياشنار باھارىم سەن بىلەن
ساپ مۇھەببەت ھەم ساداقەت شاھىمسەن
شات باياشات روزىغارىم سەن بىلەن
قىلىمەن ناخشامدا ئالەمگە جاكار
بىر ئۆمۈر ئۆتمەك قارارىم سەن بىلەن
展开