gequbao.com

找歌就用歌曲宝

cover

Yalguz kixlik olturux - UYNahxa

Yalguz kixlik olturux-UYNahxa.mp3
作词 : UYNahxa 作曲 : UYNahxa چېيى يوق پىيالە بولس...
作词 : UYNahxa
作曲 : UYNahxa
چېيى يوق پىيالە بولسىلا يېتەر
مەن ئۇنى قەدەھ دەپ خىيال قىلسام بەس
سىردىشىم شۇ دەمدە غېرىپ تۆت تامدۇر
دۇتارنىڭ ئۈنىدە قەلبىم بولار مەس
سازىمنى چالىمەن ، ئېھتىيات بىلەن
خوشنىلار سەزمەستىن ئاڭلىغاي ئۇنى
ھەممىنى ئال دۇنيا ساڭىلا بېرەي
قىزغىناي مۇڭ باسقان غېرىپ كۈيۈمنى
ساز ماڭا جاناندۇر
مەيدۇر  كەيپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان
مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم
ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
ئۈلپەتكە مۇھتاجمەن  ئىنسانغا ئەمەس
مەن بىلەن مۇڭداشقىن دىلكەش دۇتتارىم
ئۇنتۇپ كېتەرمەن دۇنيانى تامام
يالغۇز مۇڭ ئۈنىدە يوقتۇر  ئازارىم
مەن سازغا مېھمانمەن ئۇ ماڭا مېھمان
تەرىپلەش يا ئالقىش ھېچ ھاجەت ئەمەس
مال دۇنيا شان شۆھرەتكە قۇل بولما كۆڭلۈم
ھاياتنىڭ ئوڭ سولى ئۇنىڭدا ئەمەس
ساز ماڭا جاناندۇر
مەيدۇر  كەيپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان
مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم
ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
ساز ماڭا جاناندۇر
مەيدۇر  كەيپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان
مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم
ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
ئاشىقلىق شۇ ئېرۇر  ياكى پىراقتۇر
展开